ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى دائېش توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىردى.

2173437
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى دائېش توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، دائېشنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە قارىماي، كۈچ توپلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بولۇپمۇ رۇسىيەدىكى كونسېرت زالى ھۇجۇمى ۋە ئىران ئىنقىلاب  مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قوماندانى قاسىم سۇلەيمانىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قىلىنغان قانلىق ھۇجۇملارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلىپ بارغان ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

يىغىندا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقادىكى پائالىيەتلىرى پەيدا قىلغان تەھدىت مۇزاكىرە قىلىندى.

ب د ت دوكلاتىدا ئافرىقانىڭ زور بىر قىسمىنىڭ دائېش ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا قېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى تەكىتلەندى.

ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ۋىلادىمىر ۋورونكوف كېڭەشكە قەرەللىك سۇنۇۋاتقان دوكلاتىدا، دائېشنىڭ غەربىي ئافرىقا ۋە ساھىلدىكى «ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ مۇستەھكەملەۋاتقانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋورونكوف ئەگەر ئۇلارنىڭ تەسىرى داۋاملاشسا، «مالىدىن نىگېرىيەنىڭ شىمالىغىچە سوزۇلغان كەڭ رايون تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر