ياپونىيەدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى

ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان مىيازاكى ئۆلكىسى دېڭىز قىرغىقىدا 7.1 بال يەر تەۋرىدى.

2173001
ياپونىيەدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 16.43 دە دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان مىيازاكى ئۆلكىسى دېڭىز قىرغىقىدا 7.1 بال يەر تەۋرىگەنلىكى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 30 كىلومېتىر ئىكەنلىكى، يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بار-يوقلۇقى ياكى مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىنىڭ ھازىرچە نامەلۇملىقى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر كوچى ۋە مىيازاكى ۋىلايەتلىرى ئۈچۈن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى تارقاتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر