ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مىخائىل پودولياك دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ 6-ئاۋغۇست (2024) رۇسىيە چېگراسىدىن ئۆتۈپ كۇرسك رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

2173164
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مىخائىل پودولياك ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «رۇسىيەنىڭ كۇرسك ۋە بېلگورود رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە جايلاردا ھەر خىل جىددىيچىلىك، بومباردىمان، توقۇنۇش، تارقاقلىشىشقا مەجبۇر بولۇش ۋە نورمال كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبى، پەقەت ۋە پەقەت رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدۇر. موسكۋا ھۆكۈمىتى چەكلىمىلىككە ئىگە خەلقئارالىق پىرىنسىپلارنى بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، قوشنا دۆلەتلەرگە جازاغا ئۇچرىماستىن ھۇجۇم قىلالايمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ زېمىنى ئۈچۈن ئىككى بىسلىق چېقىلىشقا بولمايدىغان ئالاھىدە ئىمتىياز تەلەپ قىلالايمىز، دەپ ئويلايدۇ» دېدى.

ئۇكرائىنانىڭ تاراتقۇلىرىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 11 تۇرالغۇ رايونىنى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

تېلېگرامدىكى بەزى قاناللار ئاناستاسيېۋكا يېزىسىدا، يەنى كۇرسك يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى جايلاشقان كۇرچاتوۋ شەھىرىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا توقۇنۇشلارنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر