ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ كورسكى رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا ئۇكرائىنادىن مەلۇمات تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنادىن رۇسىيەنىڭ كۇرسكى رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە ئۇچۇر تەلەپ قىلدى.

2173086
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ كورسكى رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا ئۇكرائىنادىن مەلۇمات تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون كىربى ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا قوراللىرىنى ئىشلىتىپ رۇسىيە زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى، تېخىمۇ توغرىسى چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كونكرېت تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىتىمىزدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. ئاخىرىدا شۇنى قوشۇپ قويماقچىمەنكى، سىلەرنىڭمۇ پەرەز قىلغىنىڭلاردەك، بىز بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇكرائىنالىق خىزمەتداشلىرىمىزدىن ئۇچۇر تەلەپ قىلدۇق» دېدى.

«مەن ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىمەن» دېگەن كىربى، ئامېرىكا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈۋاتقان نۇقتىنىڭ ئۇكرائىنانى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كۇرسكى رايونىغا كىرىپ، بىر قانچە ئولتۇراق رايوننى ئىگىلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر