رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسى ئەتراپىغا جايلاشقان كۇرسك رايونىنىڭ ۋالىي ۋەكىلى ئالېكسېي سمىرنوۋ ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2172835
رۇسىيەنىڭ كۇرسك رايونىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كۇرسك رايونىنىڭ ۋالىي ۋەكىلى ئالېكسېي سمىرنوۋ  تېلېگرام بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 6-ئاۋغۇست (2024) كۇرسك رايونىغا ھۇجۇم باشلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ۋەزىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ: «دۈشمەن قىسىملىرىنىڭ كۇرسك رايونىغا قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بۇزغۇنچىلىقلارنى يوقىتىش ئۈچۈن، رايوندا 7-ئاۋغۇستتىن باشلاپ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنى قارار قىلدىم» دېدى.

رۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ رايونغا قىلغان ھۇجۇمىدا يارىلانغانلار سانىنىڭ 31 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىخەتەرلىك مەسئۇللىرى بىلەن كۇرسك رايونىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن پۇقرالارغا زۆرۈر ياردەملەرنى قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر