ئىراندا بىر نامايىشچىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

ئىراندا ماھسا ئامىنى ۋەقەسىدە ساقچىنى ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىبلەنگەن بىر نامايىشچىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

2172463
ئىراندا بىر نامايىشچىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2022-يىلدىكى ماھسا ئامىنى نامايىشىدا پولكوۋنىك نادىر بەيرامىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان غۇلام رىزا رەسايىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

ئىران ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەدلىيە تارماقلىرى بۇ مەسىلە توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا، ماھسا ئامىنى نامايىشى جەريانىدا پولكوۋنىك بايرامىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان رەسايىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ كارمانشاھ شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدە ئىجرا قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 سوت مەھكىمىسى 2023 - يىلى 7 - سېنتەبىردە رەسايىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا 2022-يىلى 13-سىنتەبىردە، «ئەخلاق ساقچىسى» دەپ ئاتىلىدىغان چارلاش ئەترىتى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ياتقان 22 ياشلىق ماھسا ئامىنى 3 كۈندىن كېيىن قازا قىلغان ئىدى.

ئامىنىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، 2022-يىلى 17-سېنتەبىردە ئۇنىڭ يۇرتى ساككىزدا باشلانغان نامايىش پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا ئايلانغان ئىدى.

ئايلارغىچە داۋاملاشقان نامايىشلاردا، تەخمىنەن 500 نامايىشچى ۋە 100 دىن ئارتۇق ساقچى قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر