توكيودا 120 ئادەم ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ قازا قىلدى

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئىيۇل ئېيىدا 123 ئادەم ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ قازا قىلدى.

2172612
توكيودا 120 ئادەم ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە ياز باشلانغاندىن بۇيان ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان قاتتىق ئىسسىق پەيدا قىلغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى؛ توكيو قانۇن دوختۇرخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىيۇل ئېيىدا توكيودا 123 ئادەمنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قازا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئۈستى يېپىق جايلاردا ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، كۆپىنچىسى ھاۋانىڭ ئىسسىق بولۇشىغا قارىماي، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەتمىگەنلەر ئىكەن.

2018-يىلى ئىيۇلدىمۇ توكيودا 127 ئادەم ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ قازا قىلغانىدى.

مۇتەخەسسىسلەر قاتتىق ئىسسىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، كىشىلەرنى زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا سىرتقا چىقماسلىققا، ئۈستى يېپىق جايلاردا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىش ۋە ۋە سۇنى كۆپ ئىچىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر