ژۇرنالىستلار غەززەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

ئىسرائىلىيە غەززەدىكى قەتلىئاملىرىنى خەۋەرلەشتۈرۈپ دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلىشىۋاتقان مۇخبىرلارنىمۇ زەربە ئوبيېكتى قىلماقتا.

2172700
ژۇرنالىستلار غەززەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە خان يۇنۇس شەھىرىدە ژۇرنالىست مۇھەممەد ئەبۇ سەئىدنى قەتل قىلدى؛ نۇرغۇن مۇخبىرلار غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خان يۇنۇس شەھىرىدىكى ناسىر دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ خان يۇنۇس شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا ژۇرنالىست مۇھەممەد ئەبۇ سەئىدنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

مۇخبىرلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر