باڭلادىشتا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى

باڭلادىشتا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مۇھەممەد يۇنۇس ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى.

2172387
باڭلادىشتا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «داككا ترىبۇن» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشلىرى بىلەن داۋالغۇغان باڭلادىشتا، پىرېزىدېنت مۇھەممەد شاھابۇددىن بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئايرىمىچىلىققا قارشى ھەرىكەت» ۋەكىللىرى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مۇھەممەد يۇنۇس تەيىنلەنگەن. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشقا منىستىرلىرى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بەلگىلىنىدىكەن.

باڭلادىشتا 1971-يىلدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا خىزمەت قىلغان كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشتات ئايرىش قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئىيۇل ئېيىنىڭ (2024) ئوتتۇرىلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشلىرى پارتلىغان ئىدى.

باڭلادىش ئالىي سوتى ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئىشتات سان چەكلىمىسىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى بىلەن، نامايىشلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نامايىشلاردا يۈز بەرگەن زوراۋانلىقلارغا جاۋابكار دەپ قارالغان جامائەتى ئىسلامىي پارتىيەسى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانىتى چەكلەنگەندىن كېيىن، كىشىلەر بۇ قېتىم نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن «ئادالەت» تەلەپ قىلىش چاقىرقى بىلەن قايتىدىن كوچىلارنى تولدۇرغان ئىدى.

 نامايىشلاردا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە، يۈزلەرچە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، مىڭلارچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

نامايىشلاردا زوراۋانلىقلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، باش مىنىستىر شەيخ ھاسىنا تىك ئۇچار بىلەن ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەن ئىدى. نامايىشچىلار باش مىنىستىرنىڭ تۇرالغۇسىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مۇھەممەد يۇنۇس كىم؟

قاچقۇن باش مىنىستىر ھاسىنا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزىگە رەقىپ دەپ قارىغان 84 ياشلىق مۇھەممەد يۇنۇس، «كەمبەغەللەرنىڭ بانكىرى» سۈپىتىدە تونىلىدۇ. نۇرغۇن ئىقىتىسادىي جازالارغا ئۇچرىغان.

مۇھەممەد يۇنۇس «گرامىن بانكاسى» قۇرغانلىقى ۋە قىلغان نۇرغۇن خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن 2006-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر