ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ئېغىر تىپلىق بومبىلارنى يوللاشنى تەستىقلىدى

ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە يېرىم توننا ئېغىرلىقتىكى «MK-83» تىپلىق بومبىلارنى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىشلىتىشكە ئەۋەتىشنى تەستىقلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

2171437
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ئېغىر تىپلىق بومبىلارنى يوللاشنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىسرائىلىيە خايوم» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىيۇلنىڭ (2024) ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىندىن لىۋان ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى بىلەن بولغان جىددىيلىك كۈچەيسە، تېخىمۇ ئېغىر تىپلىق بومبا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە، بايدىننىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان يېرىم توننىلىق «MK-83» تىپلىق بومبىلارنى ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.  

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر توننا ئېغىرلىقتىكى «MK-84» تىپلىق بومبىلارنىمۇ ئەۋەتىشنى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقى تېخىچە نامەلۇم.

تەستىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن يېرىم توننا ئېغىرلىقتىكى بومبىلارنىڭ پاراخوتقا قاچىلانغاندىن كېيىن، بايدىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توختىتىپ قىلىنغان 1700 دانە 250 مىڭ كىلوگىراملىق «MK-82» تىپلىق بومبىلار بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيەگە يەتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

«MK-82» تىپلىق بومبىلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھقا قىلغان ھۇجۇمىغا نارازىلىق سۈپىتىدە، بىۋاسىتە بايدىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن، ئىسرائىلىيەگە قورال ئەۋەتىشنى چەكلىگەنلىكى، ئەمما يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان قايتا ئەۋەتىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم.

 ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ ئەۋەتىلىشى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا قاتتىق تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر