پاپا فىرانسىس ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇش ھەققىدە توختالدى

كاتولىكلارنىڭ مەنىۋى داھىيسى ۋە ۋاتىكان پىرېزىدېنتى پاپا فىرانسىس «ئوتتۇرا شەرقتىكى قانلىق ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

2171368
پاپا فىرانسىس ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇش ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاتىكاننىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان «Vatican News» تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاپا ۋاتىكاندىكى ساينت پېتېر مەيدانىدا ھەر يەكشەنبە كۈنى ئوقۇلىدىغان ئانگېلۇس دۇئاسىدىن كېيىن نۇتۇق سۆزلىگەن.

پاپا نىشانلىق ھۇجۇملارنىڭ ھەرگىزمۇ ھەل قىلىش چارىسى بولالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇنداق ھەرىكەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەپرەت ۋە ئىنتىقام پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

غەززەدە شۇنداقلا توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان بارلىق رايونلاردا ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش چاقىرىقىدا بولغان پاپا، ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، «رايوندىكى قانلىق ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر