پەزەشكىيان ئىسرائىلىيەنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغان ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى

ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ «جاۋابسىز قالمايدىغان ئېغىر خاتالىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2171367
پەزەشكىيان ئىسرائىلىيەنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغان ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پىرېزىدېنت پەزەشكىيان پايتەخت تېھراندا زىيارەتتە بولغان ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن سەفەدىنى قوبۇل قىلغان.

سۆھبەت جەريانىدا، ئىراننىڭ رەسمىي مېھمىنى بولغان ھاماس سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ھەنىييەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان پەزەشكىيان، ۋەقەگە «ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتىنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغان ئېغىر چوڭ خاتالىقى» دەپ باھا بەرگەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «زىئونىستلارنىڭ بۇ تەكەببۇرلۇقى جاۋابسىز قالمايدۇ» دېگەن.

ئىراننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پەزەشكىيان، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

رايوننىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىراننى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن سەفەدى، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ ئىككىنچىنىڭ ئۆزىگە تېھران بىلەن ئاممان ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئوچۇق ۋە ئېنىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

سەفەدى ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھنىڭ سالىمى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەكلىرىنى پەزەشكىيانغا يەتكۈزگەندىن كېيىن: «ئىيوردانىيە زىئونىست ھاكىمىيەتنىڭ غەززەدىكى رەھىمسىز تاجاۋۇزچىلىقىنى باشتىن-ئاخىر ئەيىبلەپ كەلدى» دېگەن.

ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەنىييەنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نىتانياھونىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ئارقىلىق رايوندىكى توقۇنۇشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولغانلىقىنى قەيت قىلغان.

سەفەدى ئۆزىنىڭ بۇ زىيارەتنى ئىسرائىلىيەدىن ئىرانغا ياكى ئىراندىن ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۈچۈن قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر