ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھۇجۇم قىلدى، ئامېرىكا بولسا، پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 1 كىچىك بالا قازا قىلىپ، 6 پۇقرا يارىلاندى.

2171027
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھۇجۇم قىلدى، ئامېرىكا بولسا، پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 1 ئۆسمۈر قازا قىلىپ، 6 پۇقرا يارىلاندى.

لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋان چېگراسىغا جايلاشقان دەير سىرىيان رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا 17 ياشلىق بىر قىزنىڭ قازا قىلغانلىقى، 6 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يارىلانغانلارنىڭ ئىچىدە ئەھۋالى ئېغىرلارنىڭ بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ رايوندىكى ئوخشىمىغان دوختۇرخانىلارغا يوللانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ ئارىلىقتا، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ ئونلارچە راكېتامىيوت قويۇپ بېرىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ راكېتالارنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى كۆرۈلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى كېچىدە چېگرا رايونىغا كەم دېگەندە ئىككى قېتىم يورۇتۇش ئوقى ئاتتى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئېلان قىلغان  يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن ئېتىلغان ئونلارچە راكېتانىڭ كۆپىنچىسى پاچاقلاپ تاشلانغان.

ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ھىزبۇللاھ ئېلان قىلغان باياناتتا بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى قانۇنسىز ئولتۇراق رايونى بەيت خىللەلنىڭ ئونلىغان كاتيۇشا بومبىسى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھىزبۇللاھ بۇ ھۇجۇمنىڭ تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى بازارغا قىلغان ھۇجۇمىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېيرۇتتىكى باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى. ئاگاھلاندۇرۇشتا «لىۋاندىن ئايرىلىشنى خالايدىغانلار دەرھال ئۇچىدىغان بېلەت تاپالمىسىمۇ ئۆزلىرىگە ئۇيغۇن بېلەت سېتىلىۋىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېيىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن 1 – ئاۋغۇستتا پۇقرالىرىنى «لىۋانغا ساياھەتكە بارماسلىق» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا، گوللاندىيە، ھىندىستان، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، شىۋىتسارىيە، ئىتالىيە، گرېتسىيە، فرانسىيە ۋە پولشانىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەگە ۋە لىۋانغا بارىدىغان بىر قىسىم ئايروپىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر