ئىسرائىلىيە غەززەدە كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلدى
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدە پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىدا، كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 پەلەستىنلىك شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى خەلق مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى شەيخ رىدۋان رايونىغا جايلاشقان ھامامە ئىسىملىك مەكتەپنى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ دەسلەپكى ھۇجۇمىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوخشاش رايوننى 3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا ھۇجۇمدا كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى ئەمما يارىلانغانلارنىڭ ئېنىق سانى توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى يەنە قامال قىلىنغان غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەير ئەل بەلاھ شەھىرىگە جايلاشقان ئاقسا شېھىتلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ھويلىسىدا چېدىرلاردا تۇرۇۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى. ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 5 كىشى شېھىت بولۇپ، نۇرغۇن پاناھلانغۇچى يارىلاندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ يەنە غەززەدە پەلەستىنلىك ئائىلىلەرگە تەۋە ئىككى ئۆينى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى نەتىجىسىدە 11 كىشى شېھىت بولدى.
بۇ ئارىلىقتا، پەلەستىن ئەسىرلەر جەمئىيىتى بىلەن پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئەسىرلەر ۋە قويۇپ بېرىلگەن ھەيئىتى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن 2024-يىلى ئاۋغۇستقىچە غەربىي قىرغاق ۋە قۇددۇستا قولغا ئېلىنغان پەلەستىنلىكلەر ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا، 2024-يىلى ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىغىچە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن 9900 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، غەززەدىكى خەلق مۇداپىئە تەشكىلاتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتوموبىللىرىنىڭ 60% تىن كۆپرەكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
خەلق مۇداپىئە تەشكىلاتىنىڭ يازما باياناتىدا، ب د ت بىلەن ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن مەسلىھەت ۋە ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە تەشكىلاتلارغا يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىلىرىگە قارىماستىن، ئېھتىياجلىق يېقىلغۇنىڭ تېخىچە تەمىنلەنمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىران رۇسىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران رۇسىيەگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بەردى.