ئىران ئىسرائىلىيەگە «كەسكىن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى

ئىراننىڭ مۇۋەققەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باقىرى ئىسرائىلىيەنىڭ تېھراندا ھئىسمائىل ھەنىييەگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىرانغا قارشى «چوڭ قىزىل سىزىق» تىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئىراننىڭ تېل ئاۋىۋغا «كەسكىن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

2171046
ئىران ئىسرائىلىيەگە «كەسكىن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى باقىرى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسھاق دار بىلەن تېھراندا ھانىيەنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىشى ھەققىدە تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

باقىرى ھەنىييەنىڭ تېھراندا ئىراننىڭ مېھمىنى سالاھىتىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ يەمەن، لىۋان ۋە تېھراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ تېھراندا ھەنىييەگە ھۇجۇم قىلىپ ئىراننىڭ «چوڭ قىزىل سىزىقى» دىن ھالقىغانلىقىنى بايان قىلغان باقىرى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىككى ئاقىۋىتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇلاردىن بىرىنىڭ «ئىراننىڭ بۇ جىنايەتكە كەسكىن جاۋاپ قايتۇرۇشى»  بولىدىغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ شەيتانى ھەرىكەتلىرى بىلەن رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنى كۆپەيتىشى» بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قارشى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

باقىرى ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدا پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پاكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  ئىسھاق داردىن ئىسلامئابادنىڭ بۇ تەكلىپنى قوللىشنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىشنى تەلەپ قىلدى.

پاكىستان مىنىستىرى ھەنىييەنىڭ شېھىت بولغانلىقىغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىش تەكلىپىنى قارشى ئالدى.

ئىسھاق دار: «مۇسۇلمان خەلقلەرنى زىئونىست ھاكىمىيەتنىڭ جىنايىتىگە قارشى ئويغىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى» نى تەكىتلەپ، ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ تېھراندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ «خەلقئارا قانۇن ۋە ئىراننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق»  ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر