ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن رايونغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلارنى ئەۋەتىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «ئىراننىڭ تەھدىتلىرى» ئالدىدا ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن رايونغا قوشۇمچە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلارنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى سابرىنا سىنگى، مىنىستىر لويد ئوستىننىڭ، ئىراننىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىغا قارشى ئىسرائىلىيەگە قوشۇمچە ھەربىي ياردەملەرنى ئەۋەتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ يوليورۇققا ئاساسەن، «ئىراننىڭ تەھدىتلىرى» ئالدىدا ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىدىكەن، ھەمدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى قايتىدىن رەتكە سالىدىكەن.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، مىنىستىر ئوستىن ئىسرائىلىيەنىڭ رايونلۇق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ھەم ھەربىي ئىسلىھەلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، رايونغا قوشۇمچە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئەۋەتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان « USS Theodore Roosevelt» ئاۋىياماتكىسىنىڭ ئورنىغا «USS Abraham Lincoln» ئاۋىياماتكىسى ئەۋەتىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە رايونغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبادىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە قوشۇمچە ساياھەت پاراخوتلىرى ۋە قوغلىغۇچى پاراخوتلارنى ئەۋەتىدىكەن، شۇنداقلا قۇرۇقلۇق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبادىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىكەن.
مىنىستىر ئوستىن ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيەنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قوشۇمچە ئايروپىلان ئەترىتىنىمۇ رايونغا ئەۋەتىدىكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت بۇ مەسىلە توغرىسىدا تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن.
تېلېفون سۆھبىتىدە، ئوستىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ھەمدە «ئىران ۋە گۇماشتىلىرىنىڭ تەھدىتلىرى» ئالدىدا تېل ئاۋىۋغا قەتئىي ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئوستىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن تېگىشلىك رەتكە سېلىش ۋە تەڭشەش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن گاللانتقا، «ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ مۇقەررەر ئەمەسلىكى» نى ۋە «رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ نورماللىشىشىنىڭ ھەممىگە پايدىلىق» ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ موھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەردە ئىسرائىلىيەنى زۆرۈر ياردەملەر بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئوستىن، «ئىراننىڭ تەھدىتلىرى» ئالدىدا ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.