مەشئەل: ھەنىييە مۇجاھىد سۈپىتىدە ياشىدى، شېھىت سۈپىتىدە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى
پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ چەت ئەل ئىشلىرى مەسئۇلى خالىد مەشئەل ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ مۇجاھىد سۈپىتىدە ياشاپ، شېھىت سۈپىتىدە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەشئەل ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىسمائىل ھەنىييەنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى ئىمام مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋەھھاب جامەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ھەنىييەنىڭ غەززە شەھىرىدىكى شاتى مۇساپىرلار لاگېرىدا ئۆز خەلقى ئارىسىدا ياشاپ، ئازاب-ئوقۇبەتتىمۇ، خۇشاللىقتىمۇ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ خەلقى بىلەن بىللە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«قىممەتلىك قېرىندىشىمىز، رەھبىرىمىز، شېھىت قوماندان ئەبۇ ئەلئەبد ئىسمائىل ئابدۇسسالام ھەنىييە مۇجاھىد سۈپىتىدە ياشىدى، شېھىت سۈپىتىدە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى.»
«ئىسرائىلىيە ئۆتمۈشتىن ھېچ ئىبرەت ۋە ساۋاق ئالمىدى.»
«ئۇلار (ئىسرائىلىيەلىكلەر) ئەسىر بويى رەھبەرلىرىمىزنى ئۆلتۈردى، ئەمما نەتىجىسى قانداق بولدى؟ بىر رەھبەر شېھىت بولسا، يەنە بىرى رەھبەر ئۇنىڭ ئورنىنى باستى. قىسقىسى، بىر شېھىت دۇنيادىن كەتسە، ئورنىغا يەنە بىر شېھىت تۇغۇلدى ۋە تۇغۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، خەلقىمىز نىجاتلىق ھەم مۇستەقىللىققا ئېرىشىش سەپىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى ۋە داۋاملاشتۇرىدۇ.»
تەھدىتلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ نىجاتلىق مەنزىلگاھىغا غەلىبە قۇچقان ھالدا يېتىپ بېرىش سەپىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىغا قىلچە توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەشئەل، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
«تەھدىتلەر بىزنى پىرىنسىپلىرىمىزدىن قىلچە يىراقلاشتۇرۇۋېتەلمەيدۇ. پەلەستىن شەرقىدىن غەربىگىە، شىمالىدىن جەنۇبىغىچە ئاداققچە ۋەتىنىمىز سۈپىتىدە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالىدۇ. ئۇلار بىزدىن قانچە ئادەمنى ئۆلتۈرسە ئۆلتۈرسۇن، بىز ھەرگىزمۇ مۇرەسسە قىلمايمىز، پىرىنسىپلىرىمىزدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز ۋە ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلمايمىز.»
«پۈتۈن رايون ۋە دۇنيا ئىسرائىلىيەنىڭ ئالجىپ، ئەقىلدىن ئاداشقانلىقىنى ئەمدى بىلىشى كېرەك. شۇڭا ئىسرائىلىيە ھەممە يەرنى قارا – قويۇق ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا. ئىسلام دۇنياسىنىڭ رەھبەرلىرىگە شۇنداق چاقىرىقتا بولىمەنكى: ئۈممەتنىڭ ھوشىغا كېلىدىغان – ئويغىنىدىغان ۋاقتى ئاللىقاچان كەلدى.»