غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 39 مىڭ 550 كە يەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئاملىرى داۋامىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 31 ئادەم كۆپىيىپ، 39 مىڭ 550 كە يەتتى.
2170911
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 302 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يۈرگۈزگەن 3 قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 31 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 62 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.
شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 - يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئاملىرى داۋامىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 39 مىڭ 550 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 91 مىڭ 280 گە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.