يەمەندە سۇ ئاپىتى 158 مىڭ كىشىگە تالاپەت يەتكۈزدى
يەمەندە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 158 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە تالاپەت يەتكۈزگەن سۇ ئاپىتىدە 10 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
2170669
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:
«يەمەندە 2024 – يىلدىن باشلىرىدىن تارتىپ 28-ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا 158 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە تالاپەت يەتكۈزگەن ۋە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 10 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 14 ئادەم يارىلاندى.»
«ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم شېرىكلىرى يەمەن مىقياسىدا ئەڭ مۇداپىئەسىز ھالەتتىكى گۇرۇپپالارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.»