ئىراق باش مىنىستىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار ھالەتتە تۇرۇش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.
2170759
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىشخانىسىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، سۇدانى باغدات ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىق ئىشتابىنى زىيارەت قىلغان، ھەمدە بۇ يەردە دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە ھەربىي دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشكەن، ئاندىن ئۇلارغا ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار ھالەتتە تۇرۇش، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئارا ئاخبارات ھەم تەجرىبە ئالماشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەن.