ۋول سترېت: تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش ئەنقەرەنىڭ يەنە بىر دىپلوماتىيە مۇۋەپپەقىيىتى

«ۋول سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» (WSJ) پايتەخت ئەنقەرەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈچۈن يەنە بىر دىپلوماتىيە مۇۋەپپەقىيىتى» دەپ خەۋەر قىلدى.

2170777
ۋول سترېت: تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش ئەنقەرەنىڭ يەنە بىر دىپلوماتىيە مۇۋەپپەقىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋول سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا تۈنۈگۈن (1-ئاۋغۇست) پايتەخت ئەنقەرەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈچۈن يەنە بىر دىپلوماتىيە مۇۋەپپەقىيىتى» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر قىلدى.

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىدە قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىچىدە، «ۋول سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئېۋان گېرشكوۋىچنىڭ (Gershkovich) بارلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغان كۈندىن (2022-يىلى فېۋرال) تارتىپ بىر قانچە قېتىملىق «ئەسىر ئالماشتۇرۇش» قا ساھىبخانلىق قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، تۈنۈگۈنكى تۇتقۇن ئالماشتۇرۇشنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يەنە بىر «دىپلوماتىيە مۇۋەپپەقىيىتى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىلىپ، مۇنداق دېيىلدى:

«تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم خاتىرىلەتتى.»

خەۋەردە يەنە، تۈركىيەنىڭ «قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى» دە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەندى.

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تۈنۈگۈن (2024-يىلى 1-ئاۋغۇست) ئامېرىكا، گېرمانىيە، پولشا، سىلوۋېنىيە، نورۋېگىيە، رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان 26 مەھبۇسنى ئۆئارا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت تارىختىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر