دوھادا ھەنىييەنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا سۇيىقەستكە ئۇچراپ شېھىت بولغان پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييەنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار پايتەختى دوھادا ھەنىييەنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.
سەھەر ۋاقتىدىن باشلاپ، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن مىڭلىغان كىشىلەر مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن مېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان جامەگە سەلدەك ئاقتى.
ھەنىييەنىڭ مېيت نامىزى ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئوقۇلدى.
كېيىنچە، ھەنىييە ۋە ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسى لۇسەيل شەھىرىدە دەپنە قىلىندى.
ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە ئۈچۈن تۇنجى مۇراسىم، تۈنۈگۈن (1-ئاۋغۇت) مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
تېھراندىكى مۇراسىمدىن كېيىن، ھەنىييەنىڭ مېيىتى ئۇ بىر مەزگىل تۇرغان قاتارغا يۆتكەلگەنىدى.