ھاماس رەھبىرى ئۈچۈن تېھراندا جىنازا مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە ئۈچۈن جىنازا مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە ئۈچۈن پايتەخت تېھراندا جىنازا مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا، ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىياندىن سىرت يەنە، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ھەربىي دائىرىلەر قاتناشتى.
تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسىدا ئوقۇلغان مېيت نامىزىنى ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى ئەلى ھامانېي چۈشۈردى.
پەقەت چەكلىك ساندىكى كىشىلەرنىڭلا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان مېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، مىڭلارچە كىشى ئۇنىۋېرسىتېت دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇردى.
مېيت نامىزىدىن كېيىن، جامائەت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېنىدىكى ئىنقىلاب مەيدانىدا ۋە رايونغا تۇتىشىدىغان يوللاردا بىر يەرگە جەم بولدى.
ئىسمائىل ھەنىييە تېھراندىكى جىنازا مۇراسىمىدىن كېيىن، ئەتە (2-ئاۋغۇست) قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلىدۇ.
ئىران پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد باقىر كالىباف جىنازا مۇراسىمى ھارپىسىدا قىلغان سۆزىدە، ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كالىباف ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قىلغان كۈرىشىنى ماختاپ مۇنداق دېدى:
«بىز بۇ ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياردىمى ۋە ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى بىلىمىز، بۇ جىنايەتكە دەل ۋاقتىدا ۋە دەل جايىدا جاۋاب قايتۇرۇش، بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ھاماس: غەززەدە 33 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر ئۆلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا 33 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر ئۆلدى.