ئابباس ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئەيىبلىدى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەگە سۇيىقەست ئىشلىتىلىشىنى «قورقۇنچاقلارچە بىر ھەرىكەت ۋە خەتەرلىك ئۆزگىرىش» دەپ ئاتاپ، پۈتكۈل پەلەستىن خەلقىنى بىرلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى.

2169479
ئابباس ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (ۋافا) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەگە سۇيىقەست ئىشلىتىلىشىنى لەنەتلىگەن، ھەمدە بۇنى «قورقۇنچاقلارچە بىر ھەرىكەت ۋە خەتەرلىك ئۆزگىرىش» دەپ ئاتاپ، پۈتكۈل پەلەستىن خەلقىنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى بىرلىشىشكە، ئىتتىپاقلىشىشقا ۋە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان.

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ھۈسەيىن ئەششەيخمۇ ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان تولىمۇ خەتەرلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن شەيخ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى  ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىۋاتقان بۇنداق ئاچقۇقلۇق مەزگىلدە، پەلەستىن خەلقىنى ئىسرائىلىيەگە قارشى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان.

ھاماس ھەرىكىتى ۋە ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتلاردا، ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ  تېھراندىكى تۇرالغۇسىدا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر