ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە تېھراندا سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى تۇرۇۋاتقان ئۆيىدە سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2169242
ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە تېھراندا سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئىران ئىنقىلاب  مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ تېھراندىكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان بىر ئۆيدە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ھۇجۇمدا ھەنىييە بىر مۇھاپىزەتچىسىنىڭمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھاماس، سىياسىي بىيۇروسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەنىييە تۇرۇۋاتقان ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى بىر ئۆيگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھاماس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىياننىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ھەنىييەنىڭ تېھراندىكى بىر ئۆيگە چۈشكەنلىكىنى، مۇراسىمدىن كېيىن تۇرالغۇسىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر