ئامېرىكا مەخپىي مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ دىرېكتورى چېتلې خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا سايلام چوڭ يىغىلىشىدا ئوق تەگكەندىن كېيىن، ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان ئامېرىكا مەخپىي مۇلازىمەت باشقارمىسى دىرېكتورى كىمبېرلىي چېتلې خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى.

2166632
ئامېرىكا مەخپىي مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ دىرېكتورى چېتلې خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى كىمبېرلىي چېتلېنىڭ ئامېرىكا مەخپىي مۇلازىمەت باشقارمىسى خادىملىرىغا ئېلېكتىرونلۇق مەكتۇپ يوللاپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە چېتلې ئېلېكتىرونلۇق مەكتۇپىدا: «مەن بىخەتەرلىكنى ساقلاش بوشلۇقىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن. ۋەقەدىن كېيىن قىيىن يولنى تاللاپ، ئىستېپا بېرىشكە قارار قىلدىم» دېگەن.

چېتلېنىڭ ئىستېپاسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، سابىق پىرېزىدېنت ترامپنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ترامپنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە «مەخپىي مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مەشغۇلات مەغلۇبىيىتى» دەپ باھا بەرگەن چېتلې، مەخپىي مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ، بۇ خىل بىخەتەرلىك ئاجىزلىقىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

4 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان يىغىندا، ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ پالاتا ئەزالىرى كىمبېرلىي چېتلېدىن سوئاللارنى سورىغان؛ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، «دەرھال ئىستېپا بېرىش»كە چاقىرغانىدى.

كەسكىن تەنقىدلەردىن كېيىن، تۈنۈگۈن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان كىمبېرلىي چېتلې 2022-يىلى ئامېرىكا مەخپىي مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر