بايدىن مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى نامزاتلىقتىن چېكىنىشى مۇمكىن ئىكەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 5-نويابىر (2024) ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2164773
بايدىن مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى نامزاتلىقتىن چېكىنىشى مۇمكىن ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Axios» خەۋەر تور بېتى بەزى دېموكراتلارنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى بېسىم تۈپەيلىدىن جو بايدىننىڭ سايلامدىن چېكىنىشكە قايىل قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئانالىزلارنى رەتلەپ، دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلدى.

27-ئىيۇن كېچىسى جۇمھۇرىيەتچى رەقىبى دونالد ترامپ بىلەن س ن ن تېلېۋىزىيەسىدە چۈشكەن مۇنازىرەدىن كېيىن، بايدىننىڭ نامزاتلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، نۇرغۇن دېموكراتلارنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئادام شىفنىڭ (Adam Schiff) بايدىنغا قىلغان «نامزاتلىقتىن چېكىن چاقىرقى» غا قېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نام -شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر پالاتا ئەزاسى: «بايدىننىڭ قايسى توغرا بولسا شۇنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇنىڭغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ» دېدى.

دوكلاتتا، بايدىننىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمى سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان بىر ئەلرايى نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دېموكراتلارنىڭ %79 ى بايدىن سايلامدىن چېكىنىشنى قارار قىلغان ئەھۋالدا، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامېلا خاررىسنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىنى قوللايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر