ياۋروپا ئىتتىپاقى خان يۇنۇس شەھىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى غەززە رايونىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر پاناھلىنىۋاتقان مەكتەپكە ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2161418
ياۋروپا ئىتتىپاقى خان يۇنۇس شەھىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئېكس (X( ئادرېسىدىكى يازمىسىدا، خان يۇنۇس شەھىرىدە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر پاناھلىنىۋاتقان مەكتەپكە ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا، ئون نەچچە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ھۇجۇمغا قارىتا: «بىگۇناھ پۇقرالار يەنە قاچانغىچە بۇ ئۇرۇشنىڭ يۈكىنى كۆتۈرىدۇ؟» دېگەن سۆزلىرى بىلەن نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ: «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ئەيىبلەيمىز، مەسئۇللار چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك» دېدى.

بوررېل قاپسېلىپ قالغان پۇقرالارغا ئاراملىق بېرىش، بارلىق ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ئۈچۈن «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش» چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تۈنۈگۈن (9-ئىيۇل) غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر پاناھلىنىۋاتقان مەكتەپنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلىپ،  29 كىشىنى شېھىت قىلغان ۋە 50 دىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇرغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە خەلقئارا ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پېسەنت قىلماستىن غەززە رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىنى ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر