ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ يېڭى راكېتاسى مۇۋەققىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (ESA) نىڭ يېڭى راكېتاسى «Ariane 6» تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى.

2161323
ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ يېڭى راكېتاسى مۇۋەققىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپانىڭ يېڭى «Ariane 6» ناملىق راكېتاسى فىرانسىيە گۋىئانادىكى ياۋروپا ئالەم پونكىتىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى.

ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش دىرېكتورى جوسېف ئاشباچېر 56 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «Ariane 6» نىڭ تۇنجى ئۇچۇشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئاشباچېر پۈتۈنلەي يېڭى بىر راكېتانىڭ ھەمىشە قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، راكېتانىڭ تۇنجى ئۇچۇشى ئۈچۈن مىڭلىغان كىشىنىڭ يىللارغىچە خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ياۋروپانىڭ يېڭى ئەۋلاد «Ariane 6» راكېتاسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئاشباچېر، ياۋروپانىڭ ئالەم بوشلۇقىغا كىرىشى قايتىدىن ئەمەلگە ئاشقان بۇ تارىخى پەيتكە گۇۋاھچى بولغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

«Ariane 6» راكېتاسىدىن بۇرۇن ۋەزىپە ئىجرا قىلغان «Ariane 5» راكېتاسى ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇشنى 2023-يىلى 5 -ئىيۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.

1996-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا پائالىيەت قىلغان «Ariane 5» راكېتاسى 117 قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، 197 سۈنئىي ھەمراھنى ئوربېتاغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر