ئىراقتىكى بىر سوت مەھكىمىسى باغدادىنىڭ ئايالىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

ئىراقتىكى بىر سوت مەھكىمىسى بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان «دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادىنىڭ ئايالىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

2161564
ئىراقتىكى بىر سوت مەھكىمىسى باغدادىنىڭ ئايالىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت باغداتتىكى كارھ جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەھكىمىنىڭ ئەبۇبەكىر باغدادىنىڭ ئايالى ئەسما مۇھەممەدنى «دائېش بىلەن ھەمكارلىشىش» ۋە يەزىدىي ئاياللارنى ئالدى بىلەن ئۆيىگە قاماش، ئاندىن مۇسۇلنىڭ غەربىگە جايلاشقان سىنجاردىن كەلگەن دائېش ئەزالىرىنىڭ ئۇ ئاياللارنى ئېلىپ قېچىشىغا ياردەمچى بولۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2019-يىلى 27-ئۆكتەبىر بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، دائېش كاتتىبېشى ئەبۇ بەكىر ئەلباغدادىنى ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر