ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرى فەتھۇللاھچىلارغا قارشى  بايدىنغا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە-ئامېرىكا دۆلەتلىك يېتەكچىلىك كومىتېتى (TASC) ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىنغا مەكتۇپ يوللاپ، بىر قىسىم ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقات پائالىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2161282
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرى فەتھۇللاھچىلارغا قارشى  بايدىنغا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەكتۇپ ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە تۈركىيە-ئامېرىكا دۆلەتلىك يېتەكچىلىك كومىتېتى ئەزالىرى تەرىپىدىن يېزىلدى.

مەكتۇپتا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كرىستوپېر سىمىت ۋە للويىد دوگگېتنىڭ بەزى ئەزالارنى ئازدۇرۇپ، خەت تەييارلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى ھەمدە 300 دىن ئارتۇق ئەزانىڭ تەتۈر تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتناشمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مەكتۇپتا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى ئەزاسى ئۆز نۆۋتىدە يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىككىنچى ئەڭ چوڭ ئاrمىيەگە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىدە باشلامچىلىق رولى ئوينايۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن مەكتۇپتا يەنە، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ پاناھلانغۇچىلارغا  قۇچاق ئاچقان دۆلەت ئىكەنلىكىمۇ بىلدۈرۈلدى.

سىمىتنىڭ خېتىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETO) ئەزالىرىغا قارىتىلغان جىنايى دېلولارنى بۇرمىلاپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى، ۋەھالەنكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىلى 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ نەقەدەر چوڭلىقى تەكىتلەندى

مەكتۇپتا، «ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن 6-يانۋاردىكى پارلامېنتقا قىلىنغان ھۇجۇم قانداق مەنىگە ئىگە بولسا، تۈرك خەلقى ئۈچۈنمۇ 15-ئىيۇلنىڭ شۇنداق مەنىگە ئىگە» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكانىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، سىمىتنىڭ خېتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىغۇچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقى تەكىتلەندى.

مەكتۇپتا،  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا دېموكراتىيىسى ئۈچۈن «خەتەرلىك ماددا» ئىكەنلىكى ۋە ئامېرىكادىكى بەزى مەكتەپلىرىنىڭ تېخىچە تاقالمىغانلىقى تۈپەيلى بەزى كىشىلەرنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

تۈركىيە-ئامېرىكا جامائىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يەھۇدىي دۈشمەنلىكى قاتارلىق بارلىق پائالىيەتلىرىنى ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن مەكتۇپتا، «بىز (تۈركىيەگە) مۆتىدىل مۇئامىلە قىلىشنى ۋە زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر