رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى»نىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ رۇسىيەنىڭ «ئادمىرال كۇزنېتسوۋ» ناملىق ئاۋىياماتكىسغا قارشى ئېلىپ بارماقچى بولغان «تېررورلۇق ھۇجۇمى»نىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2161551
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى»نىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ: « رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇرمانسكتىكى ئادمىرال كۇزنېتسوۋ ئاۋىياماتكىسى بىلەن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ موسكۋادىكى ئۈچ نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمىغا قارشى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدى ئېلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى كىرىل بۇدانوفنىڭ يوليورۇقى بىلەن قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن بىر كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر