بلىنكېن بىلەن ستولتېنبېرگ ۋاشىنگتوندا ئۇكرائىنانىڭ ناتو ئەزالىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلدى.

2161465
بلىنكېن بىلەن ستولتېنبېرگ ۋاشىنگتوندا ئۇكرائىنانىڭ ناتو ئەزالىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ بىلەن بلىنكېن ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتى جەريانىدا رۇسىيەنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن بالىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ ھۇجۇملار رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى شۇنداقلا بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇكرائىنانى قوللىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېننىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى باياناتىدا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئورتاق مۇداپىئەگە سېلىنىدىغان مەبلەغلەر ۋە ناتونىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىنى تەھدىتلەردىن قوغدىيالايدىغانلىقى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ستولتېنبېرگ بىلەن بلىنكېننىڭ يۈك بۆلۈشۈش جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرلەشلەردىن خۇشال ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.

ئىككەيلەننىڭ 11-ئىيۇل رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو-ئۇكرائىنا كېڭىشى يىغىنى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا،  بۇ يەردە (باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا) ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن بىر <كۆۋرۈك سېلىنىشى>نىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر