ئىتالىيەدە پەلەستىننى ۋە پەلەستىنلىكلەرنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا پەلەستىننى ۋە پەلەستىنلىكلەرنى قوللاش ھەمكارلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

2160091
ئىتالىيەدە پەلەستىننى ۋە پەلەستىنلىكلەرنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
italya filistin destek.jpg
italya filistin destek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت رىمنىڭ ئەڭ ئاۋات مەيدانلىرىدىن بىرى بولغان رىپابلىكا مەيدانىغا ئىسسىق ھاۋارايىغا قارىماستىن، نۇرغۇن كىشىلەر  توپلاندى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا شۇنداقلا غەربنىڭ ئىسرائىلىيەنى توسۇپ قالالمىغانلىقىغا نارازىلىق  بىلدۈردى.

نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ نارازىلىق بىلدۈردى.

يۈرۈش جەريانىدا نامايىشچىلار يەنە، ئىتالىيەدە ياشايدىغان ۋە پەلەستىننى قوللىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئانان يەئېش ۋە مەنسۇر دوغموشنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى قوللاپ، قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىش جەريانىدا، پەلەستىنلىكلەرنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن نامايىشچىلار پەلەستىن بايراقلىرىنى ۋە پەلەستىننى قوللايدىغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۈپ، ھەر خىل لوزۇنكىلارنى  ئاچتى.

نامايىشچىلار پات پات «پەلەستىنگە ئازادلىق!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

پايتەخت رىمدىن باشقا يەنە، ئىتالىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مىلانودىمۇ پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر