ماراكەشتە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ماراكەشنىڭ پايتەختى راباتتا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە پەلەستىنلىكلەرنى «ئاچ قويۇش سىياسىتى» گە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
2158760
![ماراكەشتە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/1608/de42/57dc/6685073d96313.jpg?time=1737281120)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش پەلەستىننى قوللاش ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرغان نامايىشتا، نەچچە يۈز ماراكەشلىك پارلامېنت بىناسى ئالدىغا يىغىلدى.
«ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىشنى توختىتىڭ»، «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىڭ»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى توختىتىڭ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقى» نى ئەيىبلىدى.
نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە پەلەستىنلىكلەرنى «ئاچ قويۇش سىياسىتى» گە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
«پەلەستىن بىزگە ئامانەتتۇر، ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش بولسا خىيانەتتۇر» دەپ شوئار توۋلىغان نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيە بايرىقىنى كۆيدۈردى.