كۇبا رەھبىرى: پەلەستىن ئۈچۈن قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمىز

كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىئاز-كانېل «ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى پەلەستىن ئۈچۈن قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەر كۈنى قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمىز» دېدى.

2152466
كۇبا رەھبىرى: پەلەستىن ئۈچۈن قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت كانېل كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ياشلار بىلەن كۆرۈشۈپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ شارپاسىنى تاقىدى.

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2024) دىن بۇيان غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە 37 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

 «پەلەستىن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىدۇ، قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن پەلەستىن ئۈچۈن ھەر كۈنى قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمىز. راستىنى ئېيتقاندا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەردە دۇنيانىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە شان – شەرىپى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا (ئىنسانىي تىراگېدىيەگە)  پەرۋا قىلمايۋاتقانلار تارىخ ئالدىدا چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر