فلورىدادا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن سەۋەبىدىن «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىندى.

2152503
فلورىدادا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدا شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن بەزى جايلاردىكى تاشيوللار سۇ ئاستىدا قالدى، ھەتتا ئايرودۇرۇملارمۇ كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ناچار ھاۋا رايىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى كۈتۈلۈۋاتقان ئىشتاتتا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىنىپ، بەزى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.

جەنۇبىي فلورىدادىمۇ تۈنۈگۈن (12-ئىيۇن) شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن يۈز بەردى. بەزى رايونلاردا كۈندىلىك تۇرمۇش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.

مېتېرولوگىيە ئىدارىسى فلورىدادا شىددەتلىك يامغۇرنىڭ بىر قانچە كۈن توختىماي ياغىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر