ئىسرائىلىيە قىسىملىرى يارىلانغان ھالدا يەردە ياتقان بىر پەلەستىنلىك ياشنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يارىلانغان ھالدا يەردە ياتقان ۋە «قۇتقۇزۇش ماشىنىسى» دەپ ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقان بىر پەلەستىن پۇقراسىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى.

2152016
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى يارىلانغان ھالدا يەردە ياتقان بىر پەلەستىنلىك ياشنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقنىڭ شىمالىدىكى جەنىنگە قاراشلىق كەفر دان يېزىسىغا بېسىپ كىرگەن. ھۇجۇم جەريانىدا پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، 3 پەلەستىنلىكنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن كەفر داندىكى ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم جەريانىدا يارىلانغان بىر پەلەستىن پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈش جەريانىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.

سىندا، پەلەستىنلىك بىر ياشنىڭ يارىلانغان ھالدا يەردە ئازاب ئىچىدە پەريات قىلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، ئەتراپتىن «قۇتقۇزۇش ماشىنىسى» دەپ ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بولسا، يەردە يارىدار ياتقان پەلەستىنلىك ياشقا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

شېھىت بولغان پەلەستىنلىك ياشنىڭ ئوق تېگىپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن جان ئۈزگەنلىكى، ئۇنىڭ يېنىدا ياكى ئەتراپىدا ھېچقانداق قورال يوقلۇقى كۆرۈلىدۇ.

شېھىت قىلىنغان پەلەستىنلىك ياشنىڭ ئىسمىنىڭ ئەھمەد سامۇدى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر