ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىش نىسبىتى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىدى

ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلارنىڭ سانى «دۈشمەن ئوقى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن ھەسسىلەپ كۆپ ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

2151837
ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىش نىسبىتى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «USA Today» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلۈش سەۋەبلىرى ئىچىدە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى «دۈشمەن ئوقى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ نىسبىتىدىن پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كەتكەن.  

«USA Today» گېزىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ 2014 – يىلىدىن 2019 – يىللىرىغىچە بولغان «ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى ئۆلۈم» تەتقىقات نەتىجىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تەتقىقاتتا بۇ بەش يىللىق مەزگىلدە ئامېرىكا ئارمىيەسىدە جەمئىي 883 نەپەر خادىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. بۇ مەزگىلدە «دۈشمەن ئوقى» سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئەسكەرلەر سانىنىڭ 96 نەپەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەتقىقاتتا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنىشى بىلەن ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئازايغانلىقى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىش نىسبىتىدىن قالسىلا ھەر خىل قازالاردا ئۆلگەن ئەسكەر سانىنىڭ 814 نەپەر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر