جو بايدىن نۇتۇق سۆزلەۋاتقان پەيتتە بىر كىشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ نۇتۇقىنى توختىتىپ قويدى

پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن قاتناشقان يىغىندا، بىر كىشى «سەن غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شېرىكى» دەپ ۋاقىراپ نارازىلىق بىلدۈردى.

2151930
جو بايدىن نۇتۇق سۆزلەۋاتقان پەيتتە بىر كىشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ نۇتۇقىنى توختىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن ۋاشىنگتوندا قوراللىق زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېمىسىدا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «قورال سەزگۈ ئۇنىۋېرسىتېتى» (Gun Sense University) يىغىنىغا قاتناشتى.

  زالدىكى بىر كىشى «سەن غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك» دەپ ۋاقىراپ بايدىننىڭ نۇتۇقىنى يېرىمىدا ئۈزۈپ قويدى.

بايدىن بىر ۋاقىتقىچە توختاپ قالغاندىن كېيىن، زالدا نارازىلىق بىلدۈرگەن كىشىگە ئاچچىقلانغان قاتناشقۇچىلارنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ: «گۇناھسىز بالىلار ئۆلتۈرۈلدى، بۇنى تىلغا ئالغانلارنىڭ ھەققى بار» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ قاتناشقان نۇرغۇن پائالىيەتلەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نارازىلىقلارغا ئۇچرىشىشى ئۈزۈلمەي داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر