ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەگە 8 - ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىدى

ھىزبۇللاھ ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلىرىغا 8 - ئۆكتەبىردىن (2024) بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

2151947
ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەگە 8 - ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىyوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا قارىتا كۈچلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى  قىلىنغان.

خەۋەrدە، سەفەد ۋە تابارىيا شەھىرى بىلەن چېگرfلىنىدىغان ئۈستۈنكى جەلىل رايونىدىكى نۇرغۇن ئولتۇراق رايونلاردا گۈدۈك ئاۋازى ياڭرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ھىزبۇللاھنىڭ تابارىيا شەھىرىگە تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«ئىسرائىلىيە ۋاقتى گېزىتى» ىنىڭ خەۋىرىدە، چېگرا لىنىيەسىدىكى كەم دېگەندە 52 ئولتۇراق رايوندا گۈدۈك ئاۋازىنىڭ ياڭرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا، لىۋان زېمىنىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا تەخمىنەن 90 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقى، بومبىلاردىن بەزىلىرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيە رادىيوسى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھىزبۇللاھ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قارىتا شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىزبۇللاھ بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ، ھىزبۇللاھ ئالدىنقى فىرونت قوماندانى تالىب سامى ئابدۇللاھنىڭ ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمدا ئۆلگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر