ب د ت: ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەززە رايونىدا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2152167
ب د ت: ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىش قاتارلىق ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى غەززە رايونىدا توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ 2023 - يىلى 7-ئۆكتەبىردىن 31-دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش قىلمىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

كومىتېت دوكلاتىدا، ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىش قاتارلىق ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلدى دەپ ئەيىبلىدى، شۇنداقلا تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىدىن رەفاھ رايونىدا مىڭلارچە پۇقرانى خەتەرلىك جايلارغا قېچىشقا مەجبۇرلاشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر