«2024 – يىللىق كاۋكاز بۈركۈتى» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئاخىرلاشتى

ئەزەربەيجاندا تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «2024 – يىللىق كاۋكاز بۈركۈتى» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئاخىرلاشتى.

2152173
«2024 – يىللىق كاۋكاز بۈركۈتى» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقكىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە،  4-ئىيۇن كۈنى باشلانغان «2024 – يىللىق كاۋكاز بۈركۈتى» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.

تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى قاتناشتۇرۇلغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىردا، سىمۋوللۇق دۈشمەن نىشانلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش، ئۇلارنى يوقىتىش ۋە تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەر ئىجرا قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر