ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ نۇسايرات پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدىكى قىزغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئىسرائىلىيەنىڭ نۇسايرات پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا قىلغان ھۇجۇمىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېل ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسايرات پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىپ 210 پەلەستىن پۇقراسىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
جوسېپ بوررېل: «غەززەدىن كەلگەن پۇقرالارنى قىرغىن قىلىشقا دائىر يېڭى خەۋەر كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بىز بۇنى ئەڭ كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەيمىز. بۇ قان كۆلىگە بالدۇرراق خاتىمە بېرىش لازىم» دېدى ھەمدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 3 باسقۇچلۇق پىلانىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسايرات پاناھلانغۇچىلار لاگېرى ۋە ھەر قايسى جايلارغا قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدىن تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىپ 210 پەلەستىن پۇقراسىنى قىزغىن قىلغان، ئاز دېگەندە 400 پەلەستىن پۇقراسىنى يارىدار قىلغان ئىدى.