ئەنۋەر ئىبراھىم: ئەركىنلىكىمىزنى پەلەستىن دەۋاسىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز

مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم: «مالايشىيا چوڭ كۈچ ئەمەس، ئەمما بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزدىن پايدىلىنىپ پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىمىزدىن شۈبھىلەنمەڭلار» دېدى.

2149702
ئەنۋەر ئىبراھىم: ئەركىنلىكىمىزنى پەلەستىن دەۋاسىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «مالاي پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم پايتەخت كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن 37-نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدىكى سۆزىدە، گەرچە دۆلىتىنىڭ تەسىرى ۋە كۈچى چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئەركىن دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننى ئىشغال قىلىشى بىزنىڭ كوللېكتىپ تارىخىمىز ۋە مىللەتلەرنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن بىر ئاپەت. پەلەستىنلىكلەر زۇلۇم ۋە قورشاۋدا ئاستىدا، بىز بولساق ھايات ۋە ئەركىن ياشاۋاتىمىز، بىزنىڭ تەسىرىمىز ۋە كۈچىمىز چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما بىز ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئەركىن (دۆلەتمىز). مالايشىيا چوڭ كۈچ ئەمەس، ئەمما بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزدىن پايدىلىنىپ پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىمىزدىن شۈبھىلەنمەڭلار» دېگەن.

پەلەستىندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ بىر ئابستراكت ئاپەت ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئەنۋەر ئىبراھىم: «بىز بۇنىڭ سادىر قىلىنغان، ئېتىراپ قىلىنغان، ئاندىن ئېچىنىشلىق شەكىلدە نەزەردىن ساقىت قىلىنغان زۇلۇملارنىڭ تارىخىي ھەجىمىنى تولدۇرىدىغان باشقا كەڭ كۆلەملىك قەتلىئام ۋە سۈرگۈن قىلىنىشلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر