«رەفاھتا رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان دوختۇرخانا قالمىدى»

غەززەنىڭ رەفاھ شەھىرىدە «رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان دوختۇرخانا قالمىغان» لىقى بىلدۈرۈلدى.

2148236
«رەفاھتا رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان دوختۇرخانا قالمىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچىسى ئاندىرىيا دې دومىنىكو، قۇددۇستىكى ئىشخانىسىدىن تور مۇھىتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئائىت ئەڭ يېڭى تەسىراتلىرىنى ئامما بىلەن ئورتاقلاشتى.

«غەززەنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر دوختۇرخانىنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلمەكتە؛ ئەمما رەفاھتا دالا دوختۇرخانىلىرىدىن باشقا رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان دوختۇرخانا قالمىدى» دېگەن دومىنىكو، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن رايونغا داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ دوختۇرلارنىڭ يارىلانغانلارنى داۋالايدىغان ئورۇن تاپالماسلىقىنىڭ «كىشىنى ئېچىندۇرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

ب د ت نىڭ غەززەدىكى مەكتەپلىرىدە تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە 600 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دومىنىكو، ھازىر بۇ بالىلارنىڭ «يەرلىك ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ بەزى ئىختىيارىي پائالىيەتلىرىدىن باشقا» ھېچقانداق مائارىپ مۇھىتىدىن بەھرىمان بولالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ب د ت نىڭ غەززەدە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ھازىرقى شارائىتتا ئىنتايىن مۈشكۈللىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ب د ت ماسلاشتۇرغۇچىسى دومىنىكو: «راستىنى ئېيتسام، دۇنيادا سىستېما  بۇنداق سۇيىئېستىمال قىلىنغان باشقا جاي يوق. مەن غەززەدىن باشقا بىر يەردە بۇنداق شارائىت ئاستىدا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ب د ت ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ يوقلۇقىغا ئىشىنىمەن» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە باشلىنىپ، 36 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ «بىرلا سۆز بىلەن ئېيتقاندا، قورقۇنچلۇق» بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر