ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەلەبتىكى ۋاساتا يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۈچ پۇقرا قازا قىلدى

ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى ۋاساتا يېزىسىغا سۈرىيە قىسىملىرى قىلغان ھۇجۇمدا، ئىككى كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي ئۈچ پۇقرا قازا قىلدى.

2147431
ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەلەبتىكى ۋاساتا يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۈچ پۇقرا قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەلەبنىڭ غەربىدىكى 46 - بىرىگادا بازىسىدا تۇرۇشلۇق سۈرىيە قىسىملىرى بىلەن ئىراننىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدىكى چەتئەللىك تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى ھەلەبنىڭ غەربىدىكى ۋاساتا يېزىسىغا قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

خەلقنى مۇداپىئە قىلىش مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا ئىككى كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي ئۈچ پۇقرا قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر