بايدىن: ئىسرائىلىيە يېڭى ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى سۇندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىلىشى ۋە بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا يېڭى 3 باسقۇچلۇق ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2147244
بايدىن: ئىسرائىلىيە يېڭى ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ 3 باسقۇچتىن تەركىب تاپقان يېڭى ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى، بىرىنچى باسقۇچنىڭ، 6 ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئولتۇراق رايونلىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى، تەرەپلەرنىڭ بەزى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشىنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«6 ھەپتىلىك بىرىنچى باسقۇچتا، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئىككىنچى باسقۇچقا، يەنى توقۇنۇشلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك  خاتىمە بېرىش باسقۇچى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا، ئەر ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قالغان بارلىق تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلىدۇ، ئىسرائىلىيە غەززەدىن چېكىنىدۇ، (بىرىنچى باسقۇچتىكى) ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش باسقۇچى توقۇنۇشلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك خاتىمە بېرىش باسقۇچىغا ئايلىنىدۇ.»

«ئەگەر تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت مۇساپىسى 6 ھەپتىدىن ئۇزىراپ كەتسە، سۆھبەت داۋاملاشسىلا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش داۋاملىشىدۇ.»

«ئىككىنچى باسقۇچتا، ئەگەر ھەرقايسى تەرەپلەر بارلىق تېمىلاردا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشسا، ئۈچىنچى باسقۇچ باشلىنىدۇ. بۇ ئاخىرقى باسقۇچتا غەززەنى قايتا قۇرۇش مۇساپىسى كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. تەرەپلەرنىڭ قولىدا قالغان ئۆلۈك تۇتقۇنلار قارشى تەرەپكە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.»

«ئىسرائىلىيە ۋە ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

«بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى كەلدى، يېڭى باسقۇچقا ئۆتۈشنىڭ ۋاقتى كەلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر