دانىيە: ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىر دۆلەت ئۆزىنى قوغداشقا تولۇق ھوقۇقلۇق

دانىيە ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان «F-16» ئايروپىلانلىرىنى رۇسىيە زېمىنلىرىدا ئىشلىتىشنىڭ «ئۇرۇش قانۇنى دائىرىسىدە» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2146932
دانىيە: ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىر دۆلەت ئۆزىنى قوغداشقا تولۇق ھوقۇقلۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوكې غاسمۇسسېن (Lars Lokke Rasmussen) بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۇكرائىنانى «F-16» بىلەن تەمىنلەش رامكىسىدا ئۇچقۇچى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تەربىيەلەشكىمۇ ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە زېمىنلىرىدا «F-16» لاردىن پايدىلىنىش ئېھتىمالى ئۈستىدە توختىلىپ: «ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنى قوغدىشى پۈتۈنلەي ئۇرۇش قانۇنى دائىرىسىدە بولىدۇ» دېدى.

ئۇ «F-16» بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۇكرائىناغا رۇسىيەگە «خالىغانچە ھۇجۇم قىلىش» ئۈچۈن «تولۇق ھوقۇق» بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئايروپىلانلارنىڭ «رۇسىيەدىكى ھەربىي نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنى ئاجىزلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

گوللاندىيە بىلەن دانىيە 2023-يىلى مايدا ئۇكرائىنانى «F-16» بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇكرائىنالىق ئۇچقۇچىلارنى تەربىيەلەش پىلانىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

گوللاندىيە ئۇكرائىنانى 42 دانە، دانىيە 19 دانە «F-16» بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر