ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن بىريۇسسېلدا جەم بولىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن (27-ماي) ئەتىگەندە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا جەم بولىدۇ.

2144500
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن بىريۇسسېلدا جەم بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى پەلەستىن بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى بولىدۇ.

ئىسپانىيە، ئىرېلاندىيە ۋە نورۋېگىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ شۇنداق قارار ماقۇللايدىغان ياكى ماقۇللىمايدىغانلىقى ھەممىنى قىزىقتۇرماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي كومىسسارى جوسېپ بوررېلنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلىنىدىغان يىغىندا، مىنىستىرلار يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىيوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر